11ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛
12چۈنكى ئۇلار: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان.
13ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن.