14ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، يېنىمىزغا قايتقايسەن! ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن!
15يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن!
16مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، كېسىۋېتىلدى؛ يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛
17قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛
18شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز.
19ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!