7ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟
8ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟
9تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ.
11ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ ئېتىقادىمنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن.
12سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛
13ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟