3مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ.
4سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم.
5مەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛
6كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ دېدىم؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛
7ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟