20ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى.
21ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي.
22ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
23دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە.