8ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، ئەفرات دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
9چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ.
10تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ.
11دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛
12چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛