22مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى!
23ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛
24تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ.