4يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.
5چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟
6مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.
7دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.