2تۇرغۇدەك جاي يوق چوڭقۇر پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتتىم؛ سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كەتتىم، كەلكۈن مېنى غەرق قىلدى.
3پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛ گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى؛ خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزۈمدىن كېتەي دەپ قالدىم؛
4سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛ مېنى يوقاتماقچى بولغانلار، قارا چاپلاپ مەن بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلار كۈچلۈكتۇر؛ شۇ چاغدا ئۆزۈم بۇلىمىغان نەرسىنى قايتۇرىمەن.
5ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛ مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەستۇر.
6مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئى رەب، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭگە ئۇمىد باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي؛ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي؛
7چۈنكى سېنى دەپ مەن رەسۋاچىلىققا ئۇچرىدىم؛ شەرمەندىلىك يۈزۈمگە چاپلاندى.
8مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يات، ئانامنىڭ بالىلىرىغا ياقا يۇرتلۇق بولدۇم.
9چۈنكى مېنى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى؛ ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى؛
10مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى، بۇمۇ ماڭا ئەيىب دەپ قارالدى.
11مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالدىم.
12شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىنىڭ تېمىسى بولدۇم.
13بىراق مەن شەپقىتىڭنى كۆرسەتكەن ۋاقتىڭدا دۇئايىمنى ساڭا نىشانلىدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنىڭ زورلۇقىدىن، نىجاتلىق ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛
14مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، مېنى چۆكتۈرمىگەيسەن؛ ماڭا ئۆچمەن بولغانلاردىن، سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛
15كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛ دېڭىز تەگلىرىگىمۇ مېنى يۇتقۇزمىغايسەن؛ تېگى يوق ھاڭنىڭ مېنى ھاپ ئېتىپ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىشىغا يول قويمىغايسەن!
16دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛
17جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛ چۈنكى بېشىمغا كۈن چۈشتى؛ تېزدىن ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
18جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى بولغايسەن؛ دۈشمەنلىرىم ئالدىدا مېنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن؛
19ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى، قانداق ھاقارەتلەنگىنىمنى بىلىسەن؛ رەقىبلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭگە ئاياندۇر.
20ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛ مەن قايغۇغا چۆمۈپ كەتتىم؛ ئازغىنە ھېسداشلىققا تەلمۈرگەن بولساممۇ، يوق بولدى؛ تەسەللى بەرگۈچىلەرنىمۇ ئىزدىدىم، لېكىن بىرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم.
21بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا سىركىنى بەردى.
22ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق، ئۇلارنىڭ ھالاۋىتى قاپقان بولغاي.
23كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛ بەل-پۇتلىرىنى تىترەككە سالغايسەن؛
24قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛
25ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛
26چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا.
27ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن، ھەققانىيلىقىڭنىڭ نېسىۋىسىگە ئۇلارنى ئېرىشتۇرمىگەيسەن.