Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 69

زەبۇر 69:14-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، مېنى چۆكتۈرمىگەيسەن؛ ماڭا ئۆچمەن بولغانلاردىن، سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛
15كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛ دېڭىز تەگلىرىگىمۇ مېنى يۇتقۇزمىغايسەن؛ تېگى يوق ھاڭنىڭ مېنى ھاپ ئېتىپ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىشىغا يول قويمىغايسەن!
16دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛
17جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛ چۈنكى بېشىمغا كۈن چۈشتى؛ تېزدىن ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
18جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزغۇچى بولغايسەن؛ دۈشمەنلىرىم ئالدىدا مېنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن؛
19ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى، قانداق ھاقارەتلەنگىنىمنى بىلىسەن؛ رەقىبلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭگە ئاياندۇر.
20ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛ مەن قايغۇغا چۆمۈپ كەتتىم؛ ئازغىنە ھېسداشلىققا تەلمۈرگەن بولساممۇ، يوق بولدى؛ تەسەللى بەرگۈچىلەرنىمۇ ئىزدىدىم، لېكىن بىرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم.
21بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا سىركىنى بەردى.
22ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق، ئۇلارنىڭ ھالاۋىتى قاپقان بولغاي.
23كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛ بەل‫‪‎-‎‬‬پۇتلىرىنى تىترەككە سالغايسەن؛
24قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛
25ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛
26چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا.

Read زەبۇر 69زەبۇر 69
Compare زەبۇر 69:14-26زەبۇر 69:14-26