Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 68

زەبۇر 68:7-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ
8خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر‫‪‎-‎‬‬جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى.
9سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ بولغان زېمىن‫‪‎-‎‬‬خەلق ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ.
10سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا!
11رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر!
12«پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ دېيىشتى؛ ئۆيدە ئولتۇرغان قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛

Read زەبۇر 68زەبۇر 68
Compare زەبۇر 68:7-12زەبۇر 68:7-12