5يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر.
6خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ.
7ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ
8خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر-جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى.
9سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ بولغان زېمىن-خەلق ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ.
10سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا!
11رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر!
12«پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ دېيىشتى؛ ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛
13سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛