2مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر!
3مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن.
4مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
5ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛
6ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ.
7گۇناھ بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا!