Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 55

زەبۇر 55:3-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ.
4ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى.
5قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى.
6مەن‫‪:‬‬ ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم.
7ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ سېلاھ.
8بوران‫‪‎-‎‬‬چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!».
9ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم.
10ئۇلار كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى.
11ھارام ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ساختىلىق ۋە ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ.

Read زەبۇر 55زەبۇر 55
Compare زەبۇر 55:3-11زەبۇر 55:3-11