1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئى نوچى باتۇر، نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.
2ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ.
3سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛
4ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل!
5بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. سېلاھ.