10مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن.
11مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن.
12ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛ ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن.
13بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ.
14قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ.
15ئى رەببىم، لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن، ئاغزىم مەدھىيىلىرىڭنى بايان قىلىدۇ.
16چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خۇش كۆرمەيسەن؛ بولمىسا سۇنار ئىدىم؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەنلىك تاپمايسەن.
17خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛ سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن قەلبنى سەن كەمسىتمەيسەن، ئى خۇدا؛
18شاپائىتىڭ بىلەن زىئونغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن؛ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلغايسەن!