14ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!
15بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ. سېلاھ.
16بىرسى بېيىپ كېتىپ، ئائىلە-جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ كەتسىمۇ، قورقما؛
17چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە گۆرگە چۈشمەيدۇ.