5شەھەرنى كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى.
6ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛
7سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ.
8قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ.
9بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق.
10نامىڭغا لايىقتۇر، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان.
11سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، زىئون تېغى شادلانغاي! يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!
12زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛