4ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. سېلاھ!
5خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛
6خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
7خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
8خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.