7شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ
8«خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر».
9بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن.
10ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم.
11ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي!