2ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ ماڭا قورام تاش، ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن.
3چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛ شۇڭا ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى يېتەكلىگەيسەن، مېنى باشلىغايسەن.
4ماڭا يوشۇرۇن سېلىنغان تۇزاقتىن قەدەملىرىمنى تارتقايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.
5مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى.
6يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛ مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن.
7ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ جېنىمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ.