2چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر.
3پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟ ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟
4ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ، قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان، يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ.
5بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛