1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛ غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ!
2سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ، لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن. سېلاھ!
3چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛ ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ.
4ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ، يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ.
5ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ.
6سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛
7چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ.