Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 19

زەبۇر 19:4-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇدا قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن،  
5قۇياش ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ، بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛
6ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ.
7پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنى مۇكەممەلدۇر، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلار مۇقىم‫‪‎-‎‬‬ئىشەنچلىك ، ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ.  
8پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ.
9پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر.

Read زەبۇر 19زەبۇر 19
Compare زەبۇر 19:4-9زەبۇر 19:4-9