7ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.
8مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
9مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛ باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن.
10ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛ سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛
11ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن.
12ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛ جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن.