4شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.
5مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛ سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن.
6قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ.
7ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.