1داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
2ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ.
3چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛ مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك، قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
4شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.