8رەزىل ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى ئىجابەت قىلمىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئاققۇزمىغايسەن؛ بولمىسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ. سېلاھ.
9مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن؛
10ئۈستىگە چوغلار ياغدۇرۇلسۇن؛ ئۇلار ئوتقا، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن؛
11تىلى چېقىمچى ئادەمنىڭ يەر يۈزىدە ئورنى بولمىسۇن؛ بالايىئاپەت زوراۋانلارنى تۈگەشكۈچە ئوۋلايدۇ؛
12مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛
13بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ.