2ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى.
3تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ سېلاھ.
4رەزىل ئادەمنىڭ قوللىرىدىن مېنى ئامان قىلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پۇتلىرىمنى پۇتلاشنى قەستلەيدىغان زوراۋان كىشىدىن ساقلىغايسەن.
5تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ يول بويىدا تور يايدى، مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ سېلاھ.
6مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ تەڭرىمدۇرسەن» ــ دېدىم؛ يېلىنىشلىرىم ساداسىغا قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛