Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 132

زەبۇر 132:5-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5«پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى، ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە، ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن، كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن، كۆزۈمگە ئۇيقۇنى، قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن».
6مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛ ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛
7ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى، ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛
8ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن!
9كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن!
10قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛
11پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى، ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇ‫‪:‬‬ ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛
12پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى، ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن.
13چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان.
14مانا ئۇ‫‪:‬‬ ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛ مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن.
15مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛ ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛

Read زەبۇر 132زەبۇر 132
Compare زەبۇر 132:5-15زەبۇر 132:5-15