2ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ.
3پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!
4ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ.
5«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن».