3پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز.
4جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار شار-شار سۇلارغا ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
5كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛
6يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.