1ــ «ئەمدى سەن، ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيىنى ئاغزىڭغا ئېلىپ مۇنداق دەپ ئوقۇغىن: ــ
2«شىرلار ئارىسىدا ئاناڭ قانداق بىر چىشى شىر ئىدى! ئۇ ياش شىرلار ئارىسىدا ياتقان، ئۇ ئارسلانلىرىنى بېقىپ قۇۋۋەتلىدى.
3ئۇ ئارسلانلىرىدىن بىرىنى چوڭ قىلدى، ئۇ ياش شىر بولۇپ چىقتى؛ ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى.
4ئەللەر ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاڭلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بۇرنىغا ئىلمەكنى سېلىپ، مىسىر زېمىنىغا ئېپكەتتى.
5چىش شىر ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى بىكار كۈتكىنىنى، ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باشقا بىر ئارسلىنىنى ئېلىپ، ئۇنى بېقىپ ياش شىر قىلدى؛
6ئۇ شىرلار ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان كەزدى؛ ئۇ ياش شىر بولۇپ، ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى.
7ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابە قىلىۋەتتى؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
8ئاندىن ئەللەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تورىنى يېيىپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى.
9ئۇلار بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ قەپەسكە سولىدى؛ ئۇنى بابىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپاردى؛ ئۇلار ئۇنى تورلىرىغا ئېلىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسرائىل تاغلىرىدا قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ.
10سېنىڭ ئاناڭ ئۈزۈمزارىڭدا بىر ئۈزۈم تېلى ئىدى؛ ئۇ سۇ بويىدا تىكلەنگەنىدى؛ سۇلارنىڭ موللۇقىدىن، ئۇ ئىنتايىن مېۋىلىك، كۆپ شاخلىك بولدى.
11ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى بار ئىدى، ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرنىڭ شاھانە ھاسىلىرىغا لايىق ئىدى؛ ئۇنىڭ بويى بۇلۇتلاردىنمۇ ئېگىز كۆككە تاقاشتى، ئۇ ئېگىزلىكى ۋە شاخلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئىدى؛
12بىراق ئۇ قەھر بىلەن يۇلۇندى، ئۇ يەرگە تاشلاندى، شەرق شامىلى مېۋىسىنى قۇرۇتىۋەتتى؛ ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى سۇندۇرۇلدى، قاغجىراپ كەتتى؛ ئوت ئۇلارنى يۇتۇۋالدى.
13ھازىر ئۇ چۆل-باياۋاندا، چاڭقاق، سۇسىز بىر يەردە تىكىلدى؛
14ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ شاھانە ھاسىسى بولغۇدەك كۈچلۈك شېخى قالمىدى. بۇ سۆزلەر مەرسىيەدۇر، بۇلار پەقەت مەرسىيە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ».