1ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا، شىمال تەرىپىگە ئاپاردى؛ ئۇ مېنى يەنە «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي ئۇدۇلىغا جايلاشقان كىچىك خانىلارغا ئاپاردى.
2خانىلارنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كىرىش يولى شىمالغا قارايتتى؛ خانىلارنىڭ جەمئىي كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى.
3خانىلار ئىچكى ھويلىغا تەۋە يىگىرمە گەز كەڭلىكتىكى «بوش يەر»گە قارايتتى، شۇنداقلا سىرتقى ھويلىغا تەۋە «تاش تاختايلىق سۇپا»نىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ئۈچ قەۋەتلىك خانىلارنىڭ كارىدورىنىڭ بىر تەرىپىدىكى خانىلار يەنە بىر تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى.
4خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى؛
5يۇقىرىدىكى خانىلار تۆۋەندىكى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيلەردىن تار ئىدى؛ چۈنكى كارىدورلار كۆپ ئورۇننى ئىگىلىۋالغانىدى.
6خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى؛ بىراق ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى.
7سىرتتىكى خانىلارنىڭ يېنىدىكى، يەنى ھويلىنى خانىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىرتقى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى.
8سىرتقى ھويلىغا تۇتاشقان خانىلارنىڭ بولسا، جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى؛ مانا، مۇقەددەسخانىغا قارايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى.
9بۇ خانىلار ئاستىدا، سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى.
10ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، شەرقىي تەرىپىگە قارايدىغان ئىچكى ھويلىدىكى تامنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولغان، «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان خانىلار بار ئىدى؛
11ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كارىدور بار ئىدى؛ ئۇلار شىمالغا قارايدىغان خانىلارغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى، بارلىق چىقىش يوللىرى، شەكلى ۋە ئىشىكلىرى ئوخشاش ئىدى.
12جەنۇبقا قارايدىغان بىر يۈرۈش خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ بېشىدا بىر كىرىش يولى بار ئىدى؛ بۇ كىرىش يولىمۇ شەرققە قارايدىغان تامنىڭ يېنىدا ئىدى.
13ۋە ئۇ ماڭا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىدىكى «بوش يەر»گە تۇتاشلىق بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي يۈرۈش خانىلار بولسا، مۇقەددەس خانىلاردۇر؛ پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشالايدىغان كاھىنلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى يەيدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلەرنى، گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى ۋە «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرى»نى قويىدۇ؛ چۈنكى شۇ يەرلەر مۇقەددەستۇر.
14كاھىنلار خۇدا ئالدىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار «مۇقەددەس جاي»دىن بىۋاسىتە سىرتقى ھويلىغا چىقمايدۇ، بەلكى شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار پەقەت باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، ئاندىن جامائەت تۇرغان يەرگە چىقىدۇ» ــ دېدى.
15ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئۇ مېنى شەرققە قارايدىغان دەرۋزىدىن چىقاردى ۋە ئەتراپىدىكى تامنى ئۆلچىدى.
16ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
17ئۇ شىمالىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
18ئۇ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
19ئۇ غەربىي تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
20ئۇ تۆت تەرىپىنى ئۆلچىدى؛ ئەتراپىدا ئاۋام بىلەن پاك-مۇقەددەس بولغان جايلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى بەش يۈز خادا، كەڭلىكى بەش يۈز خادا تام بار ئىدى.