Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 45

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ خادا بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.
2ئۇ يەردىن بەش مىڭ خادا ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ خادا كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ.
3بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، كەڭلىكى ئون مىڭ خادا بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ.
4بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ.
5ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ.
6سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ خادا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ.
7شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ.
8بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ.
9رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇم ۋە بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
10سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن.   
11«ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن.
12بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ.  
13بۇ سىلەرنىڭ شاھزادە ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛
14زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ).
15ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
16زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ.
17شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ.
18رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن.

19كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛
20شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن.
21بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك.
22شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ.
23ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ.
24ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ.
25يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك.