Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
2سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ
3ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ.  
4سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛ سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى.
5ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛ ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛
6پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن.
7يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛ سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛
8زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛ سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى.
9گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛ دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى.
10پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛ ئۇلار قالقان‫‪‎-‎‬‬دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛
11ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛ گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛ ئۇلار قالقان‫‪‎-‎‬‬قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛ ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛
12تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن.
13جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛ ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا‫‪‎-‎‬‬قازانلارنى تېگىشكەن.
14تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
15دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛ دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛
16سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
17يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛ تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
18دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن، ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
19ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى.
20دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛
21ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛ ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن.
22شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن.
23ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛
24ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا‫‪‎-‎‬‬ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى.
25تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛
26سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛ شەرق شامىلى سېنى دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكياننىڭ باغرىدا پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋەتتى؛
27سېنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ، كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ، جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ.
28يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ.
29پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛ ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛
30ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، قاتتىق ئاھ‫‪‎-‎‬‬زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛ ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ.
31ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛ ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ.  
32ئۇلار ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «تۇر دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان! ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟
33مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە، سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛ بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن.
34سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىنغاندا، تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى.
35بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان.
36خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش‫‪‎-‎‬‬ئۇش» قىلدى؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»».