1تۆۋەندە قەبىلىلەر نامى بويىچە تىزىملىنىدۇ؛ شىمال تەرىپىدە دان قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشى بار. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شىمالىي چېگرىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە ۋە ھازار-ئېنان شەھىرىگىچە سوزۇلغان (ھازار-ئېنان دەمەشق چېگرىسىغا يانداش بولۇپ، دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى خامات شەھىرىنىڭ يېنىدا). ئۇنىڭ ئۈلۈشى شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغاندۇر.
2داننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئاشىر قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
3ئاشىرنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن نافتالى قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
4نافتالىنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
5ماناسسەھنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
6ئەفرائىمنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن رۇبەن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
7رۇبەننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
8يەھۇدانىڭ چېگرىسىغا تۇتاشقان، شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغان زېمىن، سىلەرنىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈلۈشتىكىدەك بولىدۇ؛ مۇقەددەس جاي ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ.
9سىلەر پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، كەڭلىكى ئون مىڭ خادا بولىدۇ.
10بۇ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» كاھىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شىمالىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، غەربىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ خادا، شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ خادا، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ.
11بۇ يەر زادوك ئەۋلادلىرىدىن بولغان، پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. ئىسرائىل ئېزىپ كەتكەندە، ئۇلار لاۋىيلار ئېزىپ كەتكەندەك ئېزىپ كەتمىگەن، بەلكى مەن تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتكە سادىق بولغانىدى.
12شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەر بولسا پۈتۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان زېمىننىڭ ئىچىدىن بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسە» دەپ بىلىنسۇن. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقان بولىدۇ.
13كاھىنلارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ چېگرىسىغا تۇتاش بولغان يەر لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، كەڭلىكى ئون مىڭ خادا. پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، كەڭلىكى ئون مىڭ خادا بولىدۇ.
14ئۇلار ئۇنىڭدىن يەرنى ھېچ ساتمايدۇ ياكى ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئېسىلىنى باشقىلارغا ھېچ ئۆتكۈزمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس دەپ ئاتالغان.
15قالغان يەر، كەڭلىكى بەش مىڭ خادا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، ئادەتتىكى يەر بولۇپ، شەھەر ئۈچۈن، يەنى ئۆيلەر ۋە ئورتاق بوش يەر ئۈچۈن بولىدۇ. شەھەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ.
16شەھەرنىڭ ئۆلچەملىرى مۇنداق بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز خادا، جەنۇبىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز خادا، شەرقىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز خادا، ۋە غەربىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز خادا بولىدۇ.
17شەھەرنىڭ بوش يەرلىرى بولسا، شىمالغا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك خادا كەڭلىكتە، جەنۇبقا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك خادا كەڭلىكتە، شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك خادا كەڭلىكىدە، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك خادا كەڭلىكتە بولىدۇ.
18قالغان ئىككى پارچە يەر مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىپ ئۇنىڭغا پاراللېل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ خادا، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ خادا؛ بۇلار مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىدۇ؛ بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
19ئۇنى تېرىيدىغانلار، يەنى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن بولىدۇ.
20پۈتكۈل «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ خادا، كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ خادا بولىدۇ؛ سىلەر بۇ تۆت چاسىلىق مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە شەھەرگە تەۋە جايلارنىمۇ قوشۇپ سۇنىسىلەر.
21مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بىلەن شەھەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى قالغان زېمىنلەر شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە يانداش شەرقتىن شەرققە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ خادا كەڭلىكتىكى يەر ۋە غەربتىن غەربكە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ خادا كەڭلىكتىكى يەر قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىگە پاراللېل بولۇپ، بۇلار شاھزادە ئۈچۈندۇر؛ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا،
22شۇنىڭدەك لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى ۋە شەھەرنىڭ ئىگىلىكىمۇ شاھزادىنىڭ تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. يەھۇدانىڭ چېگرىسى ۋە بىنيامىننىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ زېمىنلار شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ.
23قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى بولسا: ــ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن شەرقتىن غەرب تەرەپكە سوزۇلغان بىر ئۈلۈشى بولىدۇ.
24بىنيامىننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن شىمېئون قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
25شىمېئوننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
26ئىسساكارنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
27زەبۇلۇننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن گاد قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر.
28گادنىڭ يان تەرىپى، يەنى جەنۇبىي تەرىپى، پۈتكۈل زېمىننىڭ جەنۇبىي چېگرىسى تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىنى بويلاپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ.
29بۇ سىلەر ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىگە مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىدىغان زېمىن بولىدۇ؛ بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
30تۆۋەندە شەھەرنىڭ چىقىش يوللىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك خادا بولىدۇ؛
31شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ نامى بويىچە بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپىدە ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى رۇبەننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى يەھۇدانىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى لاۋىينىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛
32شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك خادا، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى يۈسۈپنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى بىنيامىننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى داننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ.
33جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۆلچىمى تۆت يۈز ئەللىك خادا، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى شىمېئوننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئىسساكارنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى زەبۇلۇننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ.
34شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك خادا، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى گادنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئاشىرنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى نافتالىنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ.
35جەمئىي بولۇپ ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئون سەككىز مىڭ خادا بولىدۇ؛ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەرنىڭ نامى: «پەرۋەردىگار شۇ يەردە» بولىدۇ.