Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ۋە مانا، دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا يىگىرمە بەش ئادەم تۇراتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاۋامنىڭ ئاقساقىلى بولغان، ئاززۇرنىڭ ئوغلى جائازانىيا ھەم بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيانى كۆردۈم.
2ۋە ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر.
3ئۇلار‫‪:‬‬ «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش» ــ دەيدۇ.
4شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگىن؛ ــ بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى! ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا ئۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ماڭا سۆز قىلغان‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» ــ دېگىن. «سىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىڭلارنى، ئى ئىسرائىل جەمەتى؛ كۆڭلۈڭلەرگە پۈككەن ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكرىڭلارنى، مەن بىلىمەن.
6سىلەر مۇشۇ شەھەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ سىلەر رەستە‫‪‎-‎‬‬كوچىلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرغانسىلەر».
7شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «سىلەر ئۆلتۈرگەن كىشىلەر بولسا، دەل شۇ گۆشتۇر، شەھەر بولسا قازاندۇر؛ بىراق سىلەرنى بولسا ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.
8سىلەر قىلىچتىن قورقۇپ كەلگەنسىلەر، ۋە مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچ چۈشۈرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9«شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى شەھەردىن تارتىۋېلىپ، يات ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
10سىلەر قىلىچلىنىپ يىقىلىسىلەر؛ ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
11بۇ شەھەر سىلەر ئۈچۈن «قازان» بولمايدۇ، ھەم سىلەرمۇ ئۇنىڭكى «گۆش»ى بولمايسىلەر؛ مەن ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
12ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرمىگەن، ھۆكۈملىرىم بويىچە ماڭمىغانسىلەر، بەلكى ئۆپچۆرەڭلاردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە ماڭغانسىلەر».
13شۇنداق بولدىكى، مەن بېشارەت بېرىۋاتقىنىمدا، بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيا جان ئۈزدى. مەن دۈم يىقىلدىم‫‪:‬‬ «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇسەن؟» ــ دەپ قاتتىق ئاۋازدا نىدا قىلدىم.
14پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
15ئى ئىنسان ئوغلى، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن گېپى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەرگە ھەم ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان.
16شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ گەرچە مەن ئۇلارنى يىراق يەرلەرگە، ئەللەر ئارىسىغا يۆتكىۋەتكەن ھەم مەملىكەتلەر ئىچىگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار بارغان يەرلەردىمۇ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا كىچىككىنە بىر پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس باشپاناھ بولىمەن».
17شۇڭا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن.
18شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار بارلىق لەنەتلىك نەرسىلەرنى ھەم بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۇ يەردىن يوق قىلىدۇ.

19مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن.   
20شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرىدۇ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
21بىراق كۆڭۈللىرى لەنەتلىك نەرسىلەرگە ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىغا بېغىشلانغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».
22كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛
23ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى.
24شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى.
25شۇنىڭ بىلەن مەن سۈرگۈن بولغانلارغا پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.