1ئون ئىككىنچى يىلى، ئون ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ سەن ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارىسىدا بىر شىرغا ئوخشاتقانسەن، بىراق سەن دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدىكى بىر ئەجدىھاسەن، خالاس؛ سەن پالاقلىشىپ ئېرىقلىرىڭنى ئېشىپ تاشتۇرۇپ، سۇلىرىنى ئاياغلىرىڭ بىلەن چالغىتىپ، دەريالىرىنى لېيىتىپ قويدۇڭ.
3ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆپ ئەللەرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئالدىدا ئۆز تورۇمنى ئۈستۈڭگە يېيىپ تاشلايمەن؛ ئۇلار سېنى تورۇمدا تۇتۇپ تارتىشىدۇ.
4مەن سېنى قۇرۇقلۇقتا قالدۇرۇپ، دالاغا تاشلايمەن؛ ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارنى ئۈستۈڭگە قوندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى جانىۋارلارنى سېنىڭدىن تويۇندۇرىمەن؛
5گۆشۈڭنى تاغلار ئۈستىگە قويىمەن، جىلغىلارنى پۈتكۈل ئەزايىڭ بىلەن تولدۇرىمەن؛
6مەن قېنىڭنىڭ ئېقىشلىرى بىلەن زېمىننى ھەتتا تاغلارغىچىمۇ سۇغىرىمەن؛ جىرالار سەن بىلەن توشۇپ كېتىدۇ.
7نۇرۇڭنى ئۆچۈرگىنىمدە، مەن ئاسمانلارنى توسۇۋېتىمەن، يۇلتۇزلارنى قارا قىلىمەن؛ قۇياشنى بۇلۇت بىلەن قاپلايمەن، ئاي نۇر بەرمەيدۇ.
8ئاسمانلاردىكى بارلىق پارلايدىغان نۇرلارنى ئۈستۈڭدە قارا قىلىپ، زېمىنىڭگە قاراڭغۇلۇقنى قاپلايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9مەن ئەللەر ئارىسىغا، يەنى سەن تونۇمىغان مەملىكەتلەر ئارىسىغا سېنىڭ ھالاكتىن قالغان ئادەملىرىڭنى ئېلىپ كەتكىنىمدە، كۆپ ئەللەرنىڭ يۈرىكىنى بىئارام قىلىمەن؛
10مەن كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن ئالاقزادە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا قاراپ دەھشەتلىك قورقىشىدۇ؛ مەن قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئويناتقىنىمدا، يەنى سېنىڭ يىقىلغان كۈنىڭدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز جان قايغۇسىدا ھەر دەقىقە تەۋرىنىدۇ.
11ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ئۈستۈڭگە چىقىدۇ.
12پالۋانلارنىڭ قىلىچلىرى بىلەن مەن سېنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىڭنى يىقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەبىتلەردۇر؛ ئۇلار مىسىرنىڭ پەخرىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى قۇرۇتۇۋېتىلىدۇ.
13مەن زور سۇلار بويىدىن بارلىق ھايۋانلىرىنىمۇ ھالاك قىلىمەن؛ ئىنسان ئايىغى قايتىدىن ئۇلارنى چالغاتمايدۇ، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى قايتىدىن ئۇلارنى لېيىتمايدۇ.
14شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى تىندۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئېرىقلىرىنى سۈپسۈزۈك مايدەك ئاقتۇرىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15ــ مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيرانە قىلغىنىمدا، زېمىن ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن مەھرۇم بولغىنىدا، مەن ئۇنىڭدىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئۇرۇۋەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
16ــ بۇ بىر مەرسىيە؛ ئۇلار ئۇنى ئوقۇيدۇ ــ ئەللەرنىڭ قىزلىرى ماتەم قىلىپ ئۇنى ئوقۇيدۇ؛ مەرسىيەنى ئۇلار مىسىر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىگە ئوقۇيدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
17ئون ئىككىنچى يىلى، ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە يەنە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
18ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى، يەنى ئۇنى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە تۆۋەنگە، ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈپ تاشلىۋەت؛
19گۈزەللىكتە سەن كىمدىن ئارتۇق ئىدىڭ؟ ئەمدى چۈشۈپ، خەتنە قىلىنمىغان بىلەن بىللە يات!
20ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا يىقىلىدۇ؛ قىلىچ سۇغۇرۇلدى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى سۆرەپ ئاپىرىۋېتىلسۇن!
21ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ مىسىر ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!».
22ــ مانا، شۇ يەردىدۇر ئاسۇرىيە ۋە ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى؛ ئۇنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان.
23ئۇلارنىڭ گۆرلىرى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدىدۇر؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى ئۆز گۆرى ئەتراپىدا تۇرىدۇ؛ ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ۋەھشەت سالغانلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان.
24مانا ئېلام ۋە ئۇنىڭ گۆرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان، ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان پېتى يەر تېگىلىرىگە چۈشكەنلەر ــ يەنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ئۆز ۋەھشىتىنى سالغانلار! بىراق ھازىر ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە چۆمىدۇ.
25كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا، توپ-توپ ئادەملىرى ئارىسىدا بىر ئورۇن راسلىغان؛ خەلقىنىڭ گۆرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار؛ شۇڭا ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ ــ گەرچە تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ۋەھشىتى ئادەملەرگە سېلىنغان بولسىمۇ!
26مانا شۇ يەردە مەشەك بىلەن تۇبال بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار ــ گەرچە ئۇلار تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىدا ئۆز ۋەھشىتىنى ئادەملەرگە سالغان بولسىمۇ!
27ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، قىلىچلىرى ئۆز بېشى ئاستىغا قويۇلغان، خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ!
28سەن پىرەۋنمۇ خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا تارمار بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ياتىسەن.
29مانا شۇ يەردە ئېدوم، ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق شاھزادىلىرىمۇ؛ ئۇلار كۈچلۈك بولسىمۇ، قىلىچلانغانلار بىلەن بىللە ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە ياتىدۇ.
30مانا شىمالدىكى شاھزادىلەر، ھەممىسى؛ مانا بارلىق زىدوندىكىلەر، ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە چۈشكەن؛ گەرچە ئۆز كۈچى بىلەن ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر خىجالەتتە قالدى؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان بولۇپ، قىلىچلانغانلار ئارىسىدا يېتىپ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە خىجالەتكە قالىدۇ.
31پىرەۋن بۇلارنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىلىچلانغان توپ-توپ ئادەملىرى توغرۇلۇق، يەنى ئۆزى ۋە قوشۇنى توغرۇلۇق ئۇلاردىن تەسەللى ئالىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
32ــ گەرچە مەن ئۇنىڭ ۋەھشىتىنى تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىغا سالدۇرغان بولساممۇ، بىراق ئۇ خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ــ يەنى پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.