Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ۋە ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ئى ئىنسان ئوغلى، ئورنۇڭدىن دەس تۇر، ۋە مەن ساڭا سۆز قىلىمەن، ــ دېدى.
2ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.   
3ۋە ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل بالىلىرىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»گە ئەۋەتىمەن؛ بۈگۈنگە قەدەر ھەم ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋلىرى ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلىپ كەلمەكتە»، ــ دېدى.  
4ــ «بۇ بالىلار بولسا نومۇسسىز ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر؛ مەن سېنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن؛ سەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن ــ
5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قۇلاق سالسۇن، سالمىسۇن (چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلىدىغان بىر جەمەت) ــ ئۆزلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
6ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گەرچە ساڭا تىكەن‫‪‎-‎‬‬جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ۋە سۆزلىرىدىنمۇ قورقما؛ شۇنداق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقما، ۋە زەردىلىك قاراشلىرىدىن دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر.   
7سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردۇر.
8ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال؛ بۇ ئاسىي جەمەتتەك تەتۈر بولمىغىن؛ ئاغزىڭنى ئېچىپ، مەن ساڭا بەرگىنىمنى يېگىن».
9ــ مەن قارىسام، مانا ماڭا سوزۇلغان بىر قول تۇرۇپتۇ؛ ۋە مانا، ئۇنىڭدا بىر ئورام يازما تۇرۇپتۇ.
10ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى‫‪‎-‎‬‬كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى؛ ئۇنىڭغا يېزىلغانلىرى مەرسىيە، ماتەم سۆزلىرى ۋە دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەملەردىن ئىبارەت ئىدى.