Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 38

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
2ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىكى روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى گوگقا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ   
3رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛
4مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، ئېڭىكىڭگە ئىلمەكلەرنى سېلىپ، سەن ۋە پۈتۈن قوشۇنۇڭنى ــ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، سىپار‫‪‎-‎‬‬قالقانلارنى كۆتۈرگەن، قىلىچ تۇتقان توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەرنى جەڭگە چىقىرىمەن؛
5پارس، ئېفىئوپىيە ۋە پۇت، ھەممىسى قالقان‫‪‎-‎‬‬دۇبۇلغا بىلەن قوراللىنىدۇ
6ــ گومېر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملىرى، شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن كەلگەن تورگاماھ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملىرى، بۇ كۆپ ئەللەر ساڭا ھەمراھ بولۇپ بىللە بولىدۇ.
7ئۆزۈڭنى تەييارلا؛ سەن ۋە ساڭا يىغىلغان بارلىق توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملىرىڭ تەييارلانغان پېتىدا بول؛ سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىسەن.
8كۆپ كۈنلەردىن كېيىن سەن جەڭگە چاقىرىلىسەن؛ سەن ئاخىرقى يىللاردا قىلىچتىن قۇتقۇزۇلغان، كۆپ ئەللەردىن يىغىلغان خەلقنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇزۇندىن بېرى ۋەيران قېلىنىپ كەلگەن ئىسرائىل تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن؛ ئۇنىڭ خەلقى ئەللەردىن يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن تۇرىۋېرىدۇ؛
9سەن، بارلىق توپ ئادەملىرىڭ ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر بىلەن بىللە ئالغا بېسىپ، بوران‫‪‎-‎‬‬چاپقۇندەك كېلىسەن؛ سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك بولىسەن».
10ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، كۆڭلۈڭگە باشقىچە خىياللار كىرىپ، سەن رەزىل ھىيلە‫‪‎-‎‬‬نەيرەڭنى ئويلاپ چىقىسەن؛
11سەن‫‪:‬‬ «مەن سېپىلسىز يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلەر جايلاشقان زېمىنغا بېسىپ كىرىمەن؛ مەن ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن تۇرۇۋاتقان بىر خەلققە يېقىنلىشىمەن ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېپىلسىز، تاقاقسىز ۋە دەرۋازىسىز تۇرۇۋاتىدۇ»، دەيسەن، ــ
12«شۇنىڭ بىلەن ئولجىلارنى ئېلىپ، بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلىمەن؛ قولۇمنى ئەسلىدە ۋەيران بولۇپ ئەمدىلىكتە ماكانلىق بولغان جايلارغا، ئەللەردىن يىغىلغان، مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياغا ئىگە بولغان، دۇنيانىڭ كىندىكىدە ياشاۋاتقان خەلققە قارشى قىلىمەن».
13شۇ تاپتا شېبا، دېدان، تارشىشتىكى سودىگەرلەر بارلىق ياش شىرلىرى بىلەن سەندىن‫‪:‬‬ «سەن ئولجا ئېلىشقا كەلدىڭمۇ؟ سەن توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملىرىڭنى بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلىۋېلىشقا ــ ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشنى ئېلىپ كېتىشكە، مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيانى ئېلىپ كېتىشكە، زور بىر ئولجىغا ئېرىشىۋېلىشقا يىغدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ.
14شۇڭا بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگقا شۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىل ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن بولىدىغان كۈنىنى، سەن بىلىپ يەتمەمسەن؟
15سەن ئۆز جايىڭدىن، يەنى شىمالنىڭ ئەڭ چەت جايىدىن چىقىسەن، سەن ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر، ھەممىسى ئاتلىق بولۇپ، توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەر، چوڭ قوشۇن بولىسەن.
16سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك خەلقىم ئىسرائىلغا قارشى چىقىسەن ــ بۇ ئاخىرقى زامانلاردا بولىدۇ ــ مەن سېنى ئۆز زېمىنىمغا قارشىلىشىشقا چىقىرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئارقىلىق، ئى گوگ، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ».
17ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مەن قەدىمكى زامانلاردا قۇللىرىم بولغان ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېشارەت قىلغان بىرسى سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار شۇ كۈنلەردە، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بېرى، مېنىڭ سېنى خەلقىمگە قارشىلىشىشقا چىقىرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟
18ۋە شۇ كۈنى، يەنى گوگ ئىسرائىل زېمىنىغا قارشى چىققان كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ غەزىپىم بىلەن مېنىڭ قەھرىم ئۆرلەپ چىقىدۇ.

19مېنىڭ ئۆز خەلقىمگە بولغان قىزغىنلىقىمدىن، غەزەپ بىلەن شۇنداق سۆز قىلغانمەنكى، ئىسرائىل زېمىنىدا زور يەر تەۋرەش بولىدۇ؛
20شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلار، دالادىكى ھايۋانلار، يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە يەر يۈزىدە تۇرغان بارلىق ئىنسانلار مېنىڭ يۈزۈم ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ تاغلار ئۆرۈلۈپ، تىك يارلار غۇلاپ كېتىدۇ، بارلىق تاملار يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.
21مەن بارلىق تاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا بىر قىلىچ چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرسىنىڭ قىلىچى ئۆز قېرىندىشىگە قارشى چىقىدۇ.
22مەن ۋابا كېسىلى ۋە قان تۆكۈش بىلەن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاشقا كىرىشىمەن؛ مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىگە دەھشەتلىك يامغۇر، زور مۆلدۈر تاشلىرى، ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرىمەن؛
23مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».