Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئاسىي بىر جەمەت ئارىسىدا تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە كۆزى بار ئەمما كۆرمەيدۇ، ئاڭلاشقا قۇلىقى بار، ئەمما ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر.
3ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، سۈرگۈن بولغۇچىنىڭ يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنى تەييارلاپ قويغىن؛ ۋە كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولغۇچىدەك ئۆز جايىڭدىن باشقا جايغا بارغىن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بىر جەمەت بولسىمۇ، ئېھتىماللىقى يوق ئەمەسكى، ئۇلار چۈشىنىپ يېتىدۇ.
4كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلاردەك يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولىدىغان كىشىلەردەك جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛
5تامنى كولاپ تېشىپ، يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىققىن؛
6ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇنى مۈرۈڭگە ئېلىپ، گۇگۇمدا كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىن؛ يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم.
7ۋە مەن بۇيرۇلغان بويىچە شۇنداق قىلدىم؛ كۈندۈزدە مەن سۈرگۈن بولغۇچى كىشىدەك يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىمنى ئېلىپ چىقتىم؛ ۋە كەچ كىرگەندە قولۇم بىلەن تامنى كولاپ تېشىپ، يۈل‫‪‎-‎‬‬تاقىلىرىمنى چىقىرىپ، گۈگۈمدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭدىم.
8ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى‫‪:‬‬ ــ
9«ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى، يەنى ئاسىي بىر جەمەت، سەندىن‫‪:‬‬ «بۇ نېمە قىلغىنىڭ» دەپ سورىغان ئەمەسمۇ؟
10ئۇلارغا‫‪:‬‬ «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ بۇ يۈكلەنگەن ۋەھىي يېرۇسالېمدىكى شاھزادە ھەم شۇ يەردىكى بارلىق ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر توغرۇلۇقتۇر» ــ دېگىن.
11ئۇلارغا‫‪:‬‬ «مەن سىلەر ئۈچۈن بېشارەت. مەن قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى ئۇلارغىمۇ شۇنداق ئىشلار قىلدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولىدۇ» ــ دېگىن.
12ئۇلار ئارىسىدىكى شاھزادە ئۆز يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنى گۇگۇمدە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئۇلار تامنى كولاپ تېشىپ تۆشۈكتىن نەرسىلىرىنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆز يۈزىنى يېپىپ زېمىننى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ.
13شۇنىڭ بىلەن ئۆز تورۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يايىمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ.   
14ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئۆپچۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم بارلىق قوشۇنلىرىنى مەن بارلىق شامالغا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن.
15مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكىنىمدە، مەملىكەتلەر ئىچىگە تاراتقىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
16بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىنى، قىلىچ، ئاچارچىلىق ھەم ۋابا كېسىلىدىن خالاس قىلىمەن؛ مەقسىتىم شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرى بارىدىغان ئەللەردە ئۆزلىرىگە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
17پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
18«ئىنسان ئوغلى، ئۆز نېنىڭنى تىترىگەن ھالدا يېگىن، سۈيۈڭنى دىر‫‪‎-‎‬‬دىر قىلىپ ئەنسىرىگەن ھالدا ئىچكىن؛

19ھەم شۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن‫‪:‬‬ «رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە ئىسرائىل زېمىنىدە تۇرۇۋاتقانلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «ئۇلار ئۆز نېنىنى ئەنسىرەش ئىچىدە يەيدۇ، سۈيىنى دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىدە ئىچىدۇ؛ چۈنكى زېمىندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇمى تۈپەيلىدىن، ئۇ يەر ھەممىسى يەكسان قىلىنىدۇ.
20ئاھالىلىك شەھەرلەر خارابە بولۇپ، زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر».
21پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
22«ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدە‫‪:‬‬ «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ» دېگەن ماقالنى ئېيتقىنى نېمىسى؟
23ئەمدى ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مەن بۇ ماقالنى يوق قىلىمەن؛ ئىسرائىلدا بۇ ماقال ئىككىنچى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ سەن ئەكسىچە ئۇلارغا‫‪:‬‬ «كۈنلەر يېقىنلاشتى، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىمۇ يېقىنلاشتى» ــ دېگىن.
24چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدە يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش» ياكى ئادەمنى ئۇچۇرۇدىغان پالچىلىقلار قايتا بولمايدۇ.
25چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سۆز قىلىمەن، ھەم قىلغان سۆزۈم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلەردە، ئى ئاسىي جەمەت، مەن سۆز قىلىمەن ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».
26پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
27«ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر سېنىڭ توغرۇلۇق‫‪:‬‬ «ئۇ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ئۇزۇن كۈنلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ» ــ دەيدۇ.
28شۇڭا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مېنىڭ سۆزلىرىمدىن ھېچقايسىسى يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بەلكى قىلغان سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن».