1بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى شەھەرگە ئاپاردى.
2خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى.
3ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى.
4بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل».
5ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى.
6ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى.
7دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ ئىككى تەرەپتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئايرىم-ئايرىم بىر «خادا» چىقتى؛
8ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، ئۇزۇنلۇقى بىر خادا چىقتى.
9ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى.
10شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى.
11ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى.
12بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى.
13ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئارقا لېۋىدىن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئارقا لېۋىغىچە يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى.
14ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى.
15دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى.
16ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى.
17ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان.
18بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى.
19ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى.
20ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى.
21ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز.
22ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى.
23ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى.
24ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى.
25دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
26ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى.
27ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى.
28ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى.
29ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
30ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى.
31ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
32ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى.
33ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
34ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
35ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى.
36ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
37ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
38ھەربىر دەرۋازىنىڭ بىر يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى.
39دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ.
40شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى.
41شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ.
42يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ.
43دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ.
44ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى.
45ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر.
46جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى.
47ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى.
48ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى.
49دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى.