1ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟
3سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر.
4ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخمىلەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر.
5ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى.
6مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى.
7شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ
8مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ.
9ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!
10رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن.
11چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛
12پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن.
13مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛
14مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ.
15مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
16ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخمىلەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.
17ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
18ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟
19شۇڭا مېنىڭ قويلىرىمغا سىلەرنىڭ ئاياغلىرىڭلار چەيلىۋەتكەننى يېيىشتىن، ئاياغلىرىڭلار دەسسەپ لېيىتىۋېتكەننى ئىچىشتىن باشقا ئامال يوق.
20شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
21چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر،
22ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
23مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛
24ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم.
25مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان ئەھدىنى تۈزۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىندىن تۈگىتىمەن؛ ئۇلار بىخەتەر بولۇپ جاڭگالدا تۇرىدۇ، ئورمانلىقلاردا قونۇپ ئۇخلايدۇ.
26مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن؛ يامغۇر-يېغىنلارنى ئۆز پەسلىدە ياغدۇرىمەن؛ بۇلار بەرىكەتلىك يامغۇرلار بولىدۇ.
27دالادىكى دەرەخلەر مېۋىلىرىنى، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر تۇرىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇق-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇللۇققا تۇتقانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ.
28ئۇلار يەنە ئەللەرگە ئوۋ بولمايدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار يەنە ئۇلارنى يەۋەتمەيدۇ؛ ئۇلار بىخەتەر تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ.
29مەن ئۇلار ئۈچۈن داڭقى چىققان ئالاھىدە بىر بوستانلىق جاينى تەمىنلەيمەن؛ ئۇلار قايتىدىن زېمىندا ئاچارچىلىقتا يىگلەپ قالمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئەللەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولمايدۇ.
30ئاندىن ئۇلار مەنكى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنىڭ خەلقىم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
31ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى مېنىڭ قويلىرىم، مېنىڭ چىمەنزارىمدىكى قويلىرىم، ئىنسانلاردۇرسىلەر، خالاس؛ مەن بولسام سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.