Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزاكىيال

ئەزاكىيال 43

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ مېنى دەرۋازىغا، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا ئاپاردى؛
2مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى شەرق تەرەپتىن كەلدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك ئىدى؛ يەر يۈزى ئۇنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى بىلەن يورۇتۇلدى.
3مەن كۆرگەن بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بولسا، ئۇ شەھەرنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن قېتىمدا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ ئالامەت كۆرۈنۈشلەر يەنە مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ مەن دۈم يىقىلدىم.
4پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى؛
5روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئىبادەتخانىنى تولدۇردى.  
6ھېلىقى كىشى يېنىمدا تۇرغاندا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم؛
7ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ مېنىڭ تەختىم سېلىنغان جاي، مەن ئاياغ باسىدىغان، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىدىغان جايدۇر؛ ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ــ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى پادىشاھلىرى بۇزۇقلۇقى بىلەن ياكى «يۇقىرى جايلار»دا پادىشاھنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ.   
8ئۇلار ئۆز بوسۇغىسىنى مېنىڭ بوسۇغىمنىڭ يېنىغا، ئىشىك كېشىكىنى مېنىڭ ئىشىك كېشىكىمنىڭ يېنىغا سالغان، ئۇلار بىلەن مېنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنىڭ پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس نامىمنى يىرگىنچلىكلىرى بىلەن بۇلغىغان. شۇڭا مەن غەزىپىم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋەتتىم.
9ئەمدى ھازىر ئۇلار بۇزۇقلۇقىنى، پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەندىن يىراق قىلسۇن؛ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىمەن.
10ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىدىن خىجالەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئۆينى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەرگىن؛ ئۇلار كاللىسىدا ئىبادەتخانىنى ئۆلچەپ باقسۇن.
11ئەگەردە ئۇلار ئۆز قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسا، ئەمدى سەن مۇشۇ ئۆينىڭ شەكلىنى، ئۇنىڭ سېلىنىشىنى، چىقىش يوللىرىنى، كىرىش يوللىرىنى ۋە بارلىق لايىھىسىنى ۋە بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ــ شۇنداق، بارلىق شەكلىنى ۋە بارلىق قانۇنلىرىنى ئايان قىلىپ بەرگىن؛ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەكلىنى ئېسىدە تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا يازغىن.
12ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنى شۇنداق بولىدۇ‫‪:‬‬ ئۇ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنىڭ بېكىتىلگەن پاسىلغىچە بولغان دائىرىسى «ئەڭ مۇقەددەس» بولىدۇ؛ مانا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنىدۇر.
13قۇربانگاھنىڭ «چوڭ گەز»دە ئۆلچەنگەن ئۆلچەملىرى شۇنداق ئىدى؛ بۇ گەز بولسا بىر گەز قوشۇلغان بىر ئالىقان بولىدۇ. قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا بىر ئالىقان ئىدى. مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى.   
14ئۇنىڭ ئۇلىدىن ئاستىنقى تەكچىگىچە ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ بۇ «كىچىك تەكچە»دىن «چوڭ تەكچە»گىچە تۆت گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛
15قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت گەز ئىدى؛ ئوت سۇپىسىدا تۆت مۈڭگۈز چوقچىيىپ چىقىپ تۇراتتى.
16قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى گەز، كەڭلىكى ئون ئىككى گەز بولۇپ، ئۇ تۆت چاسىلىق ئىدى.
17يۇقىرى تەكچىگىچىمۇ تۆت چاسىلىق ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت گەز، كەڭلىكى ئون تۆت گەز؛ ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا يېرىم گەز ئىدى؛ ئاستىنىڭ كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپىيى شەرققە قارايتتى.
18ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ بۇ قۇربانگاھ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە ئۈستىگە قان سېپىش ئۈچۈن ئۇنى ياسىغان كۈنىدە، شۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ‫‪:‬‬ ــ

19سەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، يەنى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدىغان زادوك نەسلىدىكىلەردىن بولغان كاھىنلارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ياش بىر تورپاقنى بېرىسەن؛
20سەن ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چوڭ تەكچىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ھەم ئەتراپىدىكى گىرۋەكلىرى ئۈستىگە سۈرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن.
21سەن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ سىرتىدا بولغان، ئىبادەتخانىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن جايدا كۆيدۈرىسەن؛
22ئىككىنچى كۈنىدە سەن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى تورپاق بىلەن پاكلاندۇرغاندەك تېكە بىلەن ئۇنى پاكلايدۇ.
23سەن ئۇنى پاكلىغاندىن كېيىن، سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاق، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى سۇنىسەن؛
24سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ.
25يەتتە كۈن سەن ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنىمۇ سۇنىدۇ.
26ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس دەپ ئايرىيدۇ.
27بۇ كۈنلەر تۈگىگەندە، سەككىزىنچى كۈنى ۋە شۇ كۈندىن كېيىن، كاھىنلار سىلەرنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.