10ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
11ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن!
1213 دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.