Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 94

زەبۇر 94:9-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟
10ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل‫‪‎-‎‬‬بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟
11پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي‫‪‎-‎‬‬خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ.
12سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، يەنى سەن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر!
13شۇنداق قىلىپ، تاكى پاسىقلار ئۈچۈن ئورەك كولانغۇچە ــ سەن ئۇنى يامان كۈنلەردىن خاتىرجەم ساقلايسەن.
14چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەيدۇ، ياكى ئۆز مىراسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
15چۈنكى ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ.
16مەن ئۈچۈن يامانلار بىلەن قارشىلىشىشقا كىم ئورنىدىن تۇرىدۇ؟ مەن ئۈچۈن قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشىقا كىم مەيدانغا چىقىدۇ؟

Read زەبۇر 94زەبۇر 94
Compare زەبۇر 94:9-16زەبۇر 94:9-16