4چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن.
5پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر!
6بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس،
7رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!