14بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز.
15سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن!
16ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ قۇللىرىڭغا كۆرۈنگەي، شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ئاشكارا بولغاي!