27مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن.
28مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛
29مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن.
30مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات-قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە،
31بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،
32ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.
33لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت-ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛
34مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن.
35مەن بىر قېتىم پاك-مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن: ــ
36«ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛
37ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». سېلاھ.
38بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ.
39قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ.
40ئۇنىڭ بارلىق تام-پاسىللىرىنى يىقىتىپ، قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ.
41يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى.